Uyghur←Chinese主要词典
فۇرمانوۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
富尔马诺夫
fù ěr mǎ nuò fū
دۇنيا تارىخى
富尔曼诺夫
fù ěr màn nuò fū
(1891 - 1926)، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1912 - يىلى موسكۋا داشۆسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ھەربىي خىزمەتتە بولغان. - يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىۋانوۋ ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگلىدە چاپايېۋ دېۋىزىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. گراژدانلار ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە ئاساسەن، تەرجىمىھال رومانى <چاپيېۋ>نى يېزىپ، چاپايېۋنىڭ بولشېۋىكلار پارتىيسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، ئاددى دېقاندىن خەلق قەھرىمانى بولۇپ يېتىلىشتىكى شانلىق جەرياننى تەسۋىرلىگەن. يەنە گراژدانلارنى ئۇرۇشنى تېما قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <قىزىل ئارمىيە قۇرۇقلۇق ئەترىتى> ۋە <1918 - يىل> پوۋېستلىرىنى، <ئىسيان> رومانىنى يازغان. 1926 - يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.