Chinese→Uyghur主要词典
弗洛伊德
دۇنيا تارىخى
فرېئۇد
(1856 - 1939) ئاۋسترىيىلىك پىسخولوگ، روھىي كېسەللەر دوختۇرى، روھىي ئانالىز ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مۇراۋىيە ئۆلكىسى فرېبۇرگتىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873 - يلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تېببى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋېنا تېببىي ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1883 - يلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان لىكتورى بولغان. 1885 - يىلى پارىژغا بېرىپ، فرانسىيە نېرۋولوگى شاركو (1825 - 1893)دىن ئۆگەنگەن. 1906 - يىلى (ۋېنا روھىي ئانالىز ئىلمىي جەمئىيىتى) ژورنىلىنى چىقارغاندىن باشلاپ، يىللىق مەجمۇئە، گېزىت ۋە ژورناللارنى نەشىر قىلغان. 1919 - يىلى مەخسۇس روھىي ئانالىز ئىلىمىغا دائىر كىتاب - ژورناللارنىلا نەشىر قىلىدىغان خەلقئارلىق نەشرىيات قۇرغان ۋە ئۇنى 1938 - يىلى ناتسىتلار پىچەتلىۋەتكىچە داۋاملاشتۇرغان. 1920 - يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930 - يىلى ئەدەبىياتتىكى ئىقتىدارى ئارقىسىدا، گېئوتى مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936 - يىلى ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. كېيىن لوندوندا قازا قىلغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇ قارشى بۆلەككە ئايرىپ، يوشۇرۇن ئاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇغما خۇسۇسىيەت كىشىلەر پىسخىك ھالىتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان مەڭگۈلۈك كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتلىرى فرېئودزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <چۈش ئۆرۈش>، <روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسى>، <روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسىنىڭ يېڭى قىسمى> قاتارلىقلار بار.
پسىخولوگىيە
فرېئود
بۇ ئاۋستىرالىيىلىك پىسخولوگ، روھىي كېسەللىك دوختۇرى. روھىي ئانالىزچىلار گۇرۇھىنىڭ ئىجادتچىسى. روھىي ئانالىزچىلار گۇرۇچىنىڭ ئىجاتچىسى. ئۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئاڭ بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت قارىمۇ - قارشى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئۇ، يوشۇرۇن ئاڭدىكى جىنسىي قابىلىيەت كىشى پىسخىكىسىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ، ئادەمنىڭ تەقدىرىنى، جەمئىيەت تەرەقىياتىنى بەلگىلەيدىغان مەڭگۈلۈك كۈچ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ روھىي ئانالىز توغرىسىدا بىر قانچە ئەسىرى بار: « چۈش تەبىرى»، «روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسى»، «يېڭى ئانالىز مۇقەددىمىسىنىڭ يېڭى تۈزۈلۈشى» قاتارلىقلار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fú luò yī dé
فلويد