Uyghur主要词典
فۇلى پاجىئەسى
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ۋېيتنام ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى سىياسى مەھبۇسلارنى قىرغان پاجىئە. فۇلى جازا لاگېرى سايگوننىڭ شىمالىدىن 33 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا - ۋۇتىڭيەن گۇرۇھىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش جەڭچىلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى سولايدىغان ھەمدە ئۆلتۈرىدىغان چوڭ تۈرمىسى ئىدى. 1958 - يىلىدىن كېيىن، بۇ يەرگە سولانغان سىياسىي مەھبۇسلار ئادەتتە ئالتە - يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەھبۇسلارنىڭ تامىقىغا زەھەر سېلىپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىنى، يەنە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى تۈرمىگە ئوت قويۇپ، جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئىز يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ،يەنە بىر قىسىم مەھبۇسلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن. بۇ زوراۋانلىق ۋيېتنام خەلقى ۋە ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان.