Uyghur←Chinese主要词典
فۇلكنېر
دۇنيا تارىخى
福克纳
fú kè nà
(1897 - 1962) ئامېرىكىلىق يازغۇچى، شائىر. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇغۇلغان. 1918 - يىلى كانادادا تەلىم - تەربىيە ئېلىپ، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسىىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان. 9191 - 1920 - يىللىرى مىسسىسىپى داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1925 - يىلى پارىژدا قىسقا مۇددەت ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ئامېرىكىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلاشقان. 1924 - يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى - <مەرمەر تاش چارۋىچىلىق تەڭرىسى>نى ئېلان قىلغان. 1926 - يىلى تۇنجى رومان <ئەسكەرنىڭ ھەققى> نى ئېلان قىلغان كېيىنكى ئەسەرلىردە ئومۇمەن جەنۇبنىڭ تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ جەنۇبتىكى ئېكىنزارلىق ئىگىلىرى ۋە بۇرژۇئازىيەنىڭ چىرىك تۇرمۇشى ئېچىپ تاشلانغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <چۇقان ۋە غەزەپ>، <سەكراتتىكى چېغىمدا>، <مۇقەددەس ساراي>، <شەھەر>، <بىنا> ۋە بەزى ھېكايىلىرى بار. 1949 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.