Chinese→Uyghur主要词典
弗里希
دۇنيا تارىخى
فرىس
(1895 - 1973) نورۋىگىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. 1926 - يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1931 - يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. شۇ يىلى <ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىق جەمئىيىتى>نى قۇرغان. 1933 - 1955 - يىللىرى <ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى> ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلار تەرىپىدىن جازا لاگېرىغا قاماپ قويۇلغان. 1947 - يىلى ب د ت نىڭ ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1965 - يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن بوشىغان. ئىقتىسادىي پىلان ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ستاتىستىكا ئاساس قىلىنغان ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1969 - يىلى گوللاندىيىلىك تىنبېرگېن (1903 - ) بىلەن تۇنجى قېتىملىق نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. <ھازىرقى زامان ياۋرۇپا ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى ئاساسىي ئېقىم>، <چەت ئۈنۈمنى ئۆلچەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.