Chinese→Uyghur主要词典
拂菻
دۇنيا تارىخى
پەرەڭ
جوڭگو كىتابلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىسىيى)نىڭ ئاتىلىشى. <كونا تاڭنامە. پەرەڭ تەزكىرىسى>دە: <پەرەڭ، يەنە بىر نامى داكچىن، ئۇغەربىي دېڭىزنىڭ يۇقىرىسىدا، شەرقىي جەنۇبىي پېرسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. يېرى 10000 چاقىرىمدىن ئارتۇق. 400 شەھىرى بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ> دەپ خاتىرىلەنگەن (<كونا تاڭنامە> 198 - جىلد). تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان <خۇيچاۋنىڭ بەش ئەنەتكەككە بېرىش خاتىرىسى> دا: چوڭ ۋە كىچىك پەرەڭ بار: <كىچىك پەرەڭ دۆلىتى دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نېرىسىدا چوڭ پەرەڭ دۆلىتى بار> دەپ خاتىرىلەنگەن (<دۇنخۇاڭدا قېپقالغان كىتاب> بىرىنچى توپلام). ئۇنىڭدا كىچىك ئاسىيا كىچىك پەرەڭ، كونىستانتىنوپول ئەتراپى چوڭ پەرەڭ دېيىلگەندەك قىلىدۇ. يەنە <سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. پەرەڭ تەزكىرىسى> دە پەرەڭ سالجۇق تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ئەتراپىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن.