Chinese→Uyghur主要词典
弗劳德
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fú láo dé
فروۋد
弗劳德〈加〉
fú láo dé
فروۋد
دۇنيا تارىخى
فرودې
(1818 - 1894) ئەنگىلىيەلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا ۋېستمىنىستېر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئورېل ئىنىتىتۇتىدا ئوقۇغان. 1844 - يىلى دىنىي ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىپ، چېركاۋدا ئىش بىجىرگۈچى بولغان. كېيىن لوندوندا كارلىل بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 1872 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، لېكسىيە سۆزلىگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. 1892 - يىلى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتىتى يېقىنقى زامان تارىخى پەنلىىرنىڭ پروفېسسورى بولغان. تارىخشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى خاتىرلەش، تارىخنى كومېدىيە سۈپىتىدە يېزىش لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. 12 توملۇق <ئەنگلىيە تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا 1529 - 1588 - يىللىرىدىكى تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئۇسلۇبى گۈزەل، ئۇنىڭدا پېرسۇناژلار جانلىق تەسۋىرلەنگەن، لېكىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا سەل قارالغانلىقتىن، يېڭىلىشىش بەكمۇ كۆپ، كېيىنكىلەر <فرودې كېسىلى> دېگەن سۆز ئارقىلىق بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەشتەك ئىستىلىنى مەسخىرە قىلغان. يەنە <توماس كارلىل تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرى بار