Chinese→Uyghur主要词典
弗兰诺
دۇنيا تارىخى
فرېنو
(1752 - 1832)ئامېرىكىلىق شائىر، نيۇ - يوركتىكى ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1771 - يىلى يېڭى جېرىسېي ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى پرېستون ئۇنىۋېرسىتىتى)نى پۈتتۈرگەن. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە داستان - <ئامېرىكىنى ئويغاتقان شان - شەرەپ>نى ئېلان قىلغان. كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان. 1776 - 1779 - يىللىرى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن بىللە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرىغا چېكىنىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. 1780 - يىلى ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى <ئەنگلىيە تۈرمە كېسىمى> دېگەن شېئىرنى يازغان. كېيىن پوچتا ئىدارىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە شېئىر يازغان. 1784 - 1789 - يىللىرى كېمىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن تەھرىرلىك ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئىندىئانلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەيدىغان كۆپلىگەن قىسقا شېئىرلانى يازغان، بۇ شېئىرلار رومانتزم تۈسىگە ئىگە. مەدھىيە ناخشىسى - <خۇدا، كىشىلىك ھوقۇقىنى قۇتقاز!>دا فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى مەدھىيلىگەن. ئامېرىكىدا <ئامېرىكا ئىنقىلابىي شائىرى> دەپ نام ئالغان. 1800 - يىلدىن كېيىن يېڭى جېرسېي شتاتىدا ماكانلىشىپ قالغان، بىرنەچچە خىل شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.