Chinese→Uyghur主要词典
弗郎西亚
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە
(1766 - 1840) پاراگۋاي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى، مۇستەبىت (1814 - 1840). ئىلاھىيەت ۋە قانۇن ئوقۇغان، كوردوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنسېررات ئىنتىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1785 - يىلى ئىلاھىيەت دوكتۇلۇقى ئۇنۋانىنى ئالغان. لاتىن يېزىقى ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس ئۆتكەن، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1811 - يىلى پاراگۋاينىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1814 -يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان مۇستەبىتكە ئايلىنىپ، <دۆلەت باشلىقى> دەپ ئاتالغان. پاراگۋاينىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشماسلىق ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت - يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. چېركاۋلارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاتقان ھەمدە سىياسىي دۈشمەنلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن، شۇنداقلا تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.