Chinese→Uyghur主要词典
复活节岛
دۇنيا تارىخى
پاسخا بايرىمى ئارىلى
يەنە بىر نامى راپانۇي ئارىلى، يەنى <تاش ھەيكەل يۇرتى> دېگەن مەننى بىلدۈرىدۇ. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا، پولۇنېسىيىنىڭ شەرقىي تۇمشۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 117 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1722-يىلى گوللاندىيىلىكلەر تۇنجى قېتىم بۇ ئارالنى تاپقان، ئۇلارنىڭ ئارالغا چىققان كۈنى دەل ئەيسانىڭ تىرىلگەن كۈنى بولغاچقا پاسخا بايرىمى ئارىلى دەپ ئاتالغان. ئارالدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن غايەت چوڭ تاش تاملارنىڭ خارابىسى بار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاخۇ دنى خارابىسىدىكى 600 دىن ئوشۇق تاش ھەيكەل ناھاىيىتى مەشھۇر. ئەڭ ئېگىز ھەيكەل 20 مېتىر كېلىدۇ، يۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مېتىر، بويننىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر، ئېىغرلىقى تگخمىنەن 89 توننا كېلىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ چىرايى بەكمۇ جانلىق، بەزىلىرىنىڭ بېشىدا ئېلىۋېتىشكە بولىدىغان قىزىل تاش قالپاق بار. رانو - راراكۇ ئۆچكەن يانار تېغىنىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى تاش ھەيكەللەرنىڭ يۈزى شىمال تەرەپكە قارىتىلغان، ئۇلارنىڭ گەۋدىسىگە كۆپلىگەن ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئارالدا يەنە بىر خىل ياغاچ پارچىلىرى تېپىلغان، ئۈستىگە ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ياغاچ پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن تەسۋىرى يېزىقلارمۇ بار. ئارالدىكىلەر بۇنى <ساماۋى كىتاب> دەپ ئاتىغان. ئارخېئولوگلار بۇ ئارالنىڭ سىرىنى ئېچىش يولىدا داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.