Uyghur主要词典
فۇگۇ بېلىقى
بىئولوگىيە
دەريا دېلفىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېلىقلار سىنىپى، ساندۇقسىمان بېلىقلار ئەترىتى، تېترادونلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنى ئېللىپس شەكىلىدە، قۇيرۇق قىمسى تەدرىجىي ئىنچىكلىگەن، تۇمشۇقى قىسقا، يۇمىلاق ھەم توم، ئاغزى كىچىك، ئۇچىغا جايلاشقان، كالپۇكى تەرەققىي قىلغان، ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغلىرىنىڭ ھەرقايسىسىدا بىر جۈپتىن پلاستىنكىسىمان ئۆتكۈر چىشلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا يېرىقچىسى روشەن. كۆزى كىچىك، بېشىنىڭ يان ئوتتۇرا ئوقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان. ژابرا تۆشۈكى كىچىك بولۇپ، ياي شەكىللىك بىرلا دەزدىن ئىبارەت. دۈمبە پالاقچىسى بىر، كەينىگىرەك سۈرۈلۈپ ساغرا پالاقچىسىغا ئۇدۇل جايلاشقان، قورساق پالاقچىسى يوق، قۇيرۇق پالاقچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى تۈز. بەدەن سىرتىدا زىچ تىكەنچىلەر ئۆسكەن، ھاۋا خالتىسى بولۇپ، ھاۋا سۈمۈرۈپ توپتەك كۆپەلەيدۇ، شۇڭا، كۆپرەك بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۈمبىسى كۆكۈچ - قوڭۇر رەڭ، قورساق تەرىپى ئاق، يانلىرى سەل سارغۇچ قوڭۇررەڭ بولۇپ، كۆكرەك پالاقچىسىنىڭ كەينى تەرەپ ئۈستىنىڭ ھەر قايسىسىدا بىردىن ئاق گىرۋەكلىك قارا دېغى بولىدۇ. كۆكرەك پالاقچىسىنىڭ تۈۋىنىڭ ئىچكى - سىرتقى يانلىرىد ۋە دۈمبە پالاقچىسىنىڭ تۈۋىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن قارا دېغى بولۇپ، ئەتراپى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. دېڭىزدا ياشايدىغان ھەم كۆچۈپ ئۈزىدىغان بېلىقلارغا كىرىدۇ. 4 ~ 6 - ئايلاردا توپ - توپ بولۇپ دەريا ئېقىمىغا قارشى ئۆرلەپ بېرىپ تۇخۇم سالىدۇ. بېلىجانلىرى دەريا - كۆللەردە ئۆسۈپ يوغىناپ كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا دېڭىزغا قايتىدۇ. بىۋاسىتە دېڭىزغا قايتىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۇخۇم تۇغۇش مىقدارى بىر مىليون 200 مىڭ دانە ئەتراپىدا بولىدۇ. فۇگۇ بېلىقى كىچىك تىپتىكى بېلىق بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، سۇنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن قەۋىتىدە ياشايدۇ. دۈشمىنىگە يولۇققاندا قورساق قىسمى توپتەك كۆپۈپ سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ، راك، قىسقۇچپاقا، سەدەپ، قۇلۇلە، بېلىجانلار، ھاشارات لىچىنكىلىرى، لەيلەپ يۈرىدىغان ھايۋانلار ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاخ يوپۇرماقلىرى، يىپسىمان يۈسۈن قاتارلىقلارنى يەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز رايونلىرىدا، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمى ۋە كۆللەرنىڭ ھەممىسىدە فۇگۇ بېلىقى تېپىلىدۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جياڭيىڭ، سۇجۇ رايونلىرىنىڭ مەشھۇر. تاتلىق سۇلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى ئوبسكۇرۇس فۇگۇسى (F, obscurus)، ۋېرمىكۇلارس فۇگۇسى (F, vermicularis)، ۋە كسانتوپتېرۇس فۇگۇسى (F, xanthopterus) لاردىن ئىبارەت. گۆشى مەززىلىك، لېكىن جىگەر، كۆپىيىش بەزلىرى ھەم قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە زەھەرلىك توكسىنلار بولۇپ كۆپىيىش مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنى يېڭى پېتى ياكى تۇزلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. تۇخۇمدانىدىن فۇگۇ زەھىرى ئىشلەپ نېرۋا ئاغرىش، كېچىسى ئورنىغا سىيىپ قويۇش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇرۇقدانىدىن پىروتامىن ياساشقا، تېرىسىدىن يېلىم ياساشقا، سۆڭىكىدىن پاراشوك ياساشقا بولىدۇ.