Chinese→Uyghur主要词典
伏尔泰
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fú ěr tài
ۋولتايرDئىستېتىكا
fú ěr tài
ۋولتېرDئىستېتىكا
fú ěr tài
ۋولتېر (1778 - 1694)، فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، سىياسىي ئەرباب، ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالىي يولباشچىسى.Dئىستېتىكا
fú ěr tài
ۋولتېر (1778 - 1694)، فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، سىياسىي ئەرباب، ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالىي يولباشچىسى.Dئىستېتىكا
fú ěr tài
ۋولتېر (1778 - 1694)، فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، سىياسىي ئەرباب، ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالىي يولباشچىسى.
دۇنيا تارىخى
ۋولتېر
(1694 - 1778) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، يازغۇچى، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. ئەسلى ئىسمى فرانسۋا مارى ئارۇئې. گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە كورۇل لۇئى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلىقتىن، ئىككى قېتىم باستېلىيە تۈرمىسىگە قامالغان. تۈرمىدىن چىققاندى كېيىن، ئەنگلىيىگە كېتىپ نيۇتون، لوك ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل خان جەمەتى تارىخچىسى، كورۇلنىڭ خاس مۇلازىمى بولغان. 1746 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. فرېدرىخ Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پرۇسسىيىگە بارغان ھەمدە يېكاتېرىنا Ⅱ بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا فرانسىيە بىلەن شۋېتارىيە چېگرىسىدىكى فېرندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كاتولىك دىنى - جىنايەتنىڭ يىلتىزى، ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى پەسكەشلىك ۋە ئالدامچىلىقنىڭ مەھسۇلى دەپ ھېسابلىغان. پەلسەپە جەھەتتە ئەقەللىيىچىلىك ۋە شۈبھىچىلىك پوزىتسىيىسىدە تۇرغان؛ سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە تەبىئىي قانۇن تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، تەبىئەت كىشىلەرگە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى بەخش ئەتكەن دەپ قارىغان، بۇرژۇئا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ دەسلىپىدە ئىلغار مۇستەبىت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلغان. كېيىن ئىسلاھات يولى ئارقىلىق مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قوللىغان. تارىخ جەھەتتە: دۇنيا تارىخى يېزىش سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەمدە مەدەنىيەت بىلەن سودىنى سىياسىي بىلەن ھەربىيگە ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پەلسەپە خەت - چەكلىرى>، <نيۇتون پەلسەپىسى قائىدىلىرى>، <لۇئى ⅣⅩ دەۋرى>، <ئومۇمىي تارىخ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە روھى توغرىسىدا> قاتارلىقلار بار.