Chinese→Uyghur主要词典
府兵
دۇنيا تارىخى
مەھكىمە ئەسكەرلىرى
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئەسكەر تۈزۈمى. يەنە مەھكىمە ئەسكەرلىرى تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كورىيە دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەركەزنىڭ ئارمىيە تۈزۈمىدە ئىككى قوشۇن، ئالتە ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، بىرلەشتۈرۈپ 8 ياساۋۇل مەھكىمىسى دەپمۇ ئاتالغان. يەرلىك مەھكىمىلەر يېشى 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەردىن ئەسكەر ئالغان. ئۇلار، مەھكىمە ئەسكەرلىرى دەپ ئاتالغان. ھەربىر ئەسكەرگە 17 پارچە يەر بېرىلگەن. كورىيە ئارمىيىسى قۇرۇپ، يەرلىك كۈچلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغان، ئەسكەرلەر دائىم يەرلىك ئورۇندا تۇرغۇچۇلمىغان، بەلكى ئىككى قوشۇن ئالتە ياساۋۇل مەھكىمىسى دائىم پايتەختتە تۇرغان، بىرەر ئىش بولسا مەركەز ئۆزى يۆتكىگەن. ⅡⅩ ئەسىرگە كەلگەندا يەرلەرنى قوشۇۋېلىش ئەۋج ئالغانلىقتىن مەھكىمە ئەسكەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بولغان. ھەربىي ۋەزىرلەر ھوقۇقنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خۇسۇسىي ئەسكەرلەر مەھكىمە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق قوراللىق كۈچ بولۇپ قالغان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە مەھكىمە ئەسكەرلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش غۇلغۇلا قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەر تۈزۈمى بۇزۇلغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشمىغان.