Uyghur←Chinese主要词典
فېتىشىزم
دىنى سۆزلۈكلەر
货币拜物教
huò bì bài wù jiào
دۇنيا تارىخى
拜物教
bài wù jiào
ئىپتىدائىي دىننىڭ بىر خىل شەكلى. ئىپتىدائىي ئادەملەر نۇرغۇن تەبىئىي نەرسىلەر (دەرەخ، تاش ۋە گۈل - گىياھ قاتارلىقلارنى) ۋە سۈنئىي نەرسىلەرنى (قورال - ياراق، كېرەكلىك ئەسۋابلارنى) گويا بىر تۈرلۈك روھقا ياكى تەبىئەتتىن تاشقىرى سىرلىق كۈچكە ئىگە دەپ قارىغانلىقتىن ئۇ نەرسىلەرگە دۇئا - تىلاۋەت قىلغان، چوقۇنغان شۇنىڭدەك ئۇ نەرسىلەردىن بالا - قازانى يوقىتىپ، بەخت - سائادەت ئاتا قىلىشنى ئىلتىجا قىلغان. ئادەتتە نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار؛ بىر خىلى مەلۇم جىسىملارنىڭ تەبىئىي شەكلىگە، يەنى جىسىمنىڭ ئۆزىگە چوقۇنۇش؛ يەنە بىر خىلى روھىي نەرسىلەرگە چوقۇنۇش، يەنى سموۋول خاراكتىرلىك نەرسىلەرنى تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ روھى دەپ چوقۇنۇش. مەسىلەن، ئۇششاق تاش، دەرەخ شېخى قاتارلىقلار، بەزى روھىي نەرسىلەر. سۈنئىي بولغانلىرىمۇ بولۇپ، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە بۇتقا چوقۇنۇش كېلىپ چىققان. فېتىشىزم مەلۇم شەيئىلەرگە بولغان خۇراپىيلىققا تەمسىل قىلىنغان. مەسىلەن: تاۋار ئېتىقادچىلىقى، پۇل ئېتىقادچىلىقى قاتارلىقلار.
تارىخ,ئىستېتىكا
拜物教
bài wù jiào