Uyghur←Chinese主要词典
فىشېر
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
费希尔
fèi xī ěr
دۇنيا تارىخى
弗雪
fú xuě
(1867 - 1947) ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، سىتاتىستىكاشۇناسى. 1891 - يىلى يېل داشۆسىدە دوكتور بولغان، كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1893 - 1894 - يىللىرى بېرلىن ۋە پارىژدا بىلىم ئاشۇرغان. 1896 - 1910 - يىللىرى <يېل ئوبزورى>نى چىقارغان. 1898 - 1935 - يىللىرى يېل داشۆسىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكا ئىقتىساد ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئۆلچەم - ئىقتىساد ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، مۇئەييەن ۋاقىتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئومۇمىي سودا مىقدارىنى ماتىماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەشنى تەكىتلىگەن. ئالماشتۇرۇش تەڭلىمىسىنى كەشىپ قىلغان. ئۇ، سوبىيكتىپ ئۈنۈمنىمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ؛ <ئادەم چىدىماس كېلىدۇ>، <ۋاقىت غەنىيمەت>؛ مەبلەغنىڭ تاللىنىشى <ئۈنۈمنىڭ تەننەرخىدىن ئېشىپ كېتىش نىسبتى> بىلەن بەلگىلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <قىممەت ۋە باھا نەزەرىيىسى ئۈستىدىكى ماتېماتىكىلىق تەتقىقات>، <پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى>، <ئۆسۈم نەزەرىيىسى> قاتارلىقلار بار.