Uyghur←Chinese主要词典
فرېئۇد
دۇنيا تارىخى
弗洛伊德
fú luò yī dé
(1856 - 1939) ئاۋسترىيىلىك پىسخولوگ، روھىي كېسەللەر دوختۇرى، روھىي ئانالىز ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مۇراۋىيە ئۆلكىسى فرېبۇرگتىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873 - يلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىببى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋېنا تىببىي ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1883 - يلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان لىكتورى بولغان. 1885 - يىلى پارىژغا بېرىپ، فرانسىيە نېرۋولوگى شاركو (1825 - 1893)دىن ئۆگەنگەن. 1906 - يىلى (ۋېنا روھىي ئانالىز ئىلمىي جەمئىيىتى) ژورنىلىنى چىقارغاندىن باشلاپ، يىللىق مەجمۇئە، گېزىت ۋە ژورناللارنى نەشىر قىلغان. 1919 - يىلى مەخسۇس روھىي ئانالىز ئىلىمىغا دائىر كىتاب - ژورناللارنىلا نەشىر قىلىدىغان خەلقئارلىق نەشرىيات قۇرغان ۋە ئۇنى 1938 - يىلى ناتسىتلار پىچەتلىۋەتكىچە داۋاملاشتۇرغان. 1920 - يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930 - يىلى ئەدەبىياتتىكى ئىقتىدارى ئارقىسىدا، گېئوتى مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936 - يىلى ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. كېيىن لوندوندا قازا قىلغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇ قارشى بۆلەككە ئايرىپ، يوشۇرۇن ئاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇغما خۇسۇسىيەت كىشىلەر پىسخىك ھالىتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان مەڭگۈلۈك كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتلىرى فرېئودزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <چۈش ئۆرۈش>، <روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسى>، <روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسىنىڭ يېڭى قىسمى> قاتارلىقلار بار.