Uyghur主要词典
فېررې
دۇنيا تارىخى
(1845 - 1871) 1871 - يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى. بلانكىزمچى. كېلىپ چىقىشى نامرات، بۇغالتىر ۋە ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا جۇمھۇرىيەتچىىلىك ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870 - يىلى 4 - سنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 20 - رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان، كوممۇنائەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە 1، 2 - نۆۋەتلىك ئامانلىقنى ساقلاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كوممۇنا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن كوممۇنىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان، ئەكسىلئىنقىلابنى قەتئىي باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. <ماي قانلىق ھەپتىلىكى> كۈرىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.