Uyghur←Chinese主要词典
فروست
دۇنيا تارىخى
弗罗斯特
fú luó sī tè
(1874 - 1963) ئامېرىكىلىق شائىر. ياش ۋاقتىدا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا بالا ئىشچى، موزدوز، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1897 - يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ، ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، مەكتەپتىن ئايرىلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان. 1912 - يىلى ئەنگلىيەگە بېرىپ <بىر بالىنىڭ ئارزۇسى>، <بوستوننىڭ شىمالىي> قاتارلىق شېئىرلارنىئېلان قىلغان. كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. خارۋارد، ئامېرست، مىچگان ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاساسلىق شېئىرلىرىدىن <يېڭى خامپشىر ۋىلايىتى>، <شاھىت دەرەخ>، <ئاقىلانە يالغان نىقاب>، <ئېچىنارلىق يالغان نىقاب> قاتارلىقلار بار. ئەسەرلىرىدە، ئاساسلىقى، يېڭى ئەنگلىيە كىشىلىرى ۋە مەنزىرىسى يېزىلغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك پۇراق بار، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىلىمۇ ئاددىي، تۆت قېتىم پۇلىتز شېئىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
弗罗斯特
fú luó sī tè