Uyghur←Chinese主要词典
فروندېچىلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
投石党运动
tóu shí dǎng yùn dòng
فروندې ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <فروندې> فرانسۇزچەfrondeنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەسلىدە بالىلار ئوينايدىغان رەگەتكە بولۇپ پارىژ شەھىرىدە بۇنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلغان. شۇ سەۋەپتىن بۇ، تەرتىپنى بۇزۇش، ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە قارشى تۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە 1648 - 1653 - يىللىرىدىكى (لۇئى ⅣⅩ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدىكى) فرانسىيىدىكى مۇستەبىت مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى سىياسىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى باسقۇچ <ئالىي سوت مەھكىمىسى فروندېسى> دەپ ئاتىلىدۇ (1648 - 1649). 1648 - يىلىنىڭ بېشىدا، كورۇل ھۆكۈمىتىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان - ياساق ئېلىشنى چەكلەش ئۈچۈن، پارىژ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىلا باج ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەرز سۇنماي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشقا بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن ھەمدە يېڭى مالىيە پەرمانىنى تىزىملاشنى رەت قىلغان. ھۆكۈمەت سەت ئەمەلدارىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ يىلى 8- ئايدا پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنى قوللىغان. كورۇل جەمەتى بىر مەھەل پارىژدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. 1649 - يىلنىڭ باشلىرى، پادىشاھ قوشۇنلىرى شەھەرنى قورشىۋالغان. 3 - ئايدا، ئالىي سوت مەھكىمىسى بىلەن كورۇل ئوردىسىدىكىلەر مۇرەسسەلەشكەن. كېيىنكى مەزگىلى <شاھزادە فروندېسى> دەپ ئاتىلىدۇ (1650 - 1653). شاھزادە كوندې (1621 - 1686) ۋەكىللىكىدىكى ئاقسۆڭەكلەر كۆپ قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. كېيىن ئاممىنىڭ قارشى چىقىشى ۋە ئىچكى ماجىرا تۈپەيلىدىن زەئىپلىشىپ كېتى، 1653 - يىلى بېسىقتۇرۇلغان. بۇ فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق قوراللىق قارشىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.