Uyghur←Chinese主要词典
فېردىناند
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
费迪南德
fèi dí nán dé
دۇنيا تارىخى
斐迪南一世
fěi dí nán yí shì
(1) فېردىناند Ⅰ (1503 - 1564)ئ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1556 - 1564). چارلېس Ⅴ نىڭ ئۇكىسى. 1521 - يىلى ۋېنگرىيە مەلىكىسى ئاننا بىلەن توي قىلغان. شۇ يىلدىن باشلاپ، چارلېس Ⅴ گېرمانىيىدە بولمىغان چاغلاردا ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئاننانىڭ ئۇكىسى، چېخىيە ۋە ۋېنگرىيەنىڭ كورۇلى لۇئى (1506 - 1526) موخاچ جېڭىدە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1531 - يىلى يەنە چارلېس Ⅴ نىڭ تەخت ۋارىسى قىلىپ سايلانغان. 1546 - 1548 - يىللاردا شمالكادېن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1552 - يىلى چارلېس Ⅴ كە ۋاكالىتەن ساكسونىيىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى مورتز (1521 - 1553) بىلەن <پاسسائۇ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. 1555 - يىلى يەنە <ئاۋگىسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى>نى پىلانلىغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە پادىشاھلىق ھوقۇق باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي بۆلۈنۈشى كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن. (2) فېردىناند Ⅰ (1751 - 1825) نېئاپولنىڭ كورۇلى (1759 - 1806، 1815 - 1825)، ئىككى سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى (1816 - 1825). بوربون جەمەتىنىڭ بىر تارمىقىغا مەنسۇپ. 1759 - يىلى ئۇنىڭ دادىسى چارلېس Ⅲ ئىسپانىيەنىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان. ئۆزى بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ ناپولى تەختىگە چىققان. دەسلەپتە باش ۋەزىر تانۇتىستىسى نائىب بولغان. 1767 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1793 - يىلى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا كىرگەن. 1798 - يىلى 12 - ئايدا 60 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن رىمغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما فرانسىيە ئارمىيسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈن قوشۇنى مەغلۇپ بولغان، ئۆزى ئەنگلىيە پاراخوتىغا چىقىپ سىتسىلىيە ئارىلىغا قېچىپ كەلگەن. ناپولى كورۇللۇقى ئاغدۇرۇلۇپ، پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1799 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى نېئاپولدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ شەھەرنى قايتا ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1806 - يىلى ناپولېئون جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، يەنە سىتسلىيە ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن. 1815 - يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، كورۇللۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى قوشۇمچە ئىككى سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى بولغان. 1820 - يىلى ناپلېستا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقەددەس ئىتتىپاقتىن ياردەم تىلىگەن، كېيىن ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (3) فېردىناند Ⅰ (1861 - 1948)، بۇلغارىيەنىڭ كىنەزى (1887 - 1908) ۋە چار پادىشاھى (1908 - 1918). بۇلغارىيە كوبۇرگ سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى. گېرمانىيەنىڭ ساكسونىيە - كوبۇرگ - كوھارى شاھزادىسى ئاۋگۇستنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە بۇرژۇئازىيە ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنى قوللاپ، تېرورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا، 1913 - يىلى 6 - ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918 - يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەغلۇپ بولغاندا، گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن.