Uyghur←Chinese主要词典
فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
法国社会党
fǎ guó shè huì dǎng
فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە يۇرېس باشچىلىقىدىكى ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى. 1899 - يىلى 6 - ئايدا ۋالدېك - رۇسسۇ ئىچكى كابېنتتا بىرىنچى قېتىم <مۇستەقىل سوتسىيالسىت> مىللېراندنى ئىچكى كابىېنتىغا كىرگۈزۈپ، سودا مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكلىپ قىلغان. مىللېراندنىڭ ئىچكى كابېنتقا كىرىشى فرانسىيىدىكى سوتسىيالىستىك پائالىيەتلەرنىڭ پارچىلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 11 - ئايدا پارىژدا ئېچىلغان سوتسىيالزمچىلار قۇرۇلتىيىدا بىر قىسىم ۋەكىللەر مىللېراندنىڭ ساتقىنلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن؛ يەنە بىر قىسىم ۋەكىللەر مىللېراندنىڭ ئىچكى كابېنتقا كىرگەنلىكىنى قوللىغانلىقتىن، كابېنقا قاتناشقۇچىلار <مېللېراندچىلار> دەپ ئاتالغان. 1902 - يىلى مىللېرندچىلار يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. پارلامېنت كۈرىشىگە بېرىلىپ كېتىپ، سايلام ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1904 - يىلى يۇرېس تەسىس قىلغان <يومانتى گېزىتى> مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ قالغان. 1905 - يىلى 4 - ئايدا فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى (يەنى فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ تەشكىللەنگەن.