Uyghur←Chinese主要词典
فوتوسىنتېز
بىئولوگىيە
光合作用
guānghézuòyòng
يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى كاربون مەنبەسى، سۇنى ھىدروگېن بىلەن تەمىنلىگۈچى، خىلوروفىل قاتارلىق پېگمېنت مولېكۇلىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشىلگەن قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىپ ئورگانىك ماددا بىرىكتۈرىدىغان ھەمدە قۇياش ئېنېرگىيىسىنى خىمىيىلىك باغ ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ ئورگانىك ماددىدا زاپاس ساقلايدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مولېكۇلا ھالەتتە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغان بىئوخىمىيىلىك جەريانى. 1845 - يىلى Julius Sachs فوتوسىنتېزنىڭ يۇقىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان خىمىيىلىك رېئاكسىيە تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 7181 - يىلى فرانسىيىلىك خىمىيە ئالىمى Pelletier بىلەن Caventon يېشىل يوپۇرماقتىن يېشىل رەڭلىك ماددىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى خلوروفىل دەپ ئاتىغان. 1941 - يىلى S.RUben قاتارلىق كىشىلەر فوتوسىنتېز جەريانىدا قويۇپ بېرىلىدىغان ئوكسىگېننىڭ سۇدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ M.Cavin ۋە A.Benson قاتارلىقلار 1946 - يىلىدىن باشلاپ ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى فوتوسىنتېز جەريانىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش يولىنى ئېنىقلاپ چىقتى. M.D. Hatch ۋە C.R.Slack نىڭ تۆت كاربۇنلۇق جەريان قاتارلىقلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىرى فوتوسىنتېز تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشتى.
ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال,تېببىي,تەبىئىي جۇغراپىيە
光合作用
guāng hé zuò yòngDباغۋەنچىلىك
光能合成
guāng néng hé chéng