Uyghur主要词典
فوستېر
دۇنيا تارىخى
(1) ستېفېن كوللىنىس فوستىر (1826 - 1864) ئامېرىكىلىق كومپوزىتور. پېنسلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1846 - 1848 - يىللىرى سىنسىنناتتا كىتاب ساقلىغۇچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، 1852 - يىلى يېڭى ئورلىئانغا بېرىپ، خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەنگەن. 1860 - يىلى نيۇ - يوركقا كۆچۈپ كەتكەن. ناخشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە جەنۇبنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان بولۇپ، خەلق ناخشىلىرىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاھاڭى ساددا، تەبىئىي، رىتىمى يېقىملىق، راۋان، لېكىن كۆپىنچە مەيۈس، پاسسىپ كۈيلەر ئارىلاشقان. ئۆمرىدە تەخمىنەن 200 ئاھاڭ ئىجاد قىلغان، تېكىستىلىرىنى ئۆزى يازغان، بۇ ناخشىلار دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ تارقالغان. مەشھۇر ناخشىلار ئىچىدە، <ئىخ سۇسەننا!>، <يۇرتۇم>، <ياشانغان نىگىر قۇل>، <كېنتۇككى، مىنىڭ يۇرتۇم> قاتارلىقلار بار. (2) ۋىللىيام زېبۇلون فوستېر (1881 - 1961) ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1929 - 1938). ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1938 - 1944، 1945 - 1957). ئىشچىلىقتىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1901 - يىلى ئامېرىكا سوتسىياللار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1909 - يىلى دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1912 - 1915 - يىللىرى شىمالىي ئامېرىكا سىندىكالىزم ئىتتىپاقىنىڭ سىكرىتارى بولغان، 1915 - 1917 - يىللىرى ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خەلقئارا سانائەت ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1917 - 1918 - يىللىرى قۇشخانا ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1918 - 1920 - يىللىرى پولات - تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1919 - يىلىدىكى پولات - تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1920 - يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. 1921 - يىلى ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن ۋە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1924 - يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا كومپارتىيە مەركىزىي كوممۇتىتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومېتىتنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىي ھەيئىتى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. روپىستۇن گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا بۇنىڭ سىرتىدا دېگەن نەزىرىيىگە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بروۋدېر رېۋونىزمىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، 1945 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسىنى يېڭىۋاشتىن قۇرغان ۋە مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، گايتىسنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. 1957 - 1961 - يىللىرى، ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ماركسىزمچە نۇقتىئەنەزەر بىلەن شەرھلەپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا تىرىشقان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىياسىي تارىخىي پروگراممسى>، <ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ تارىخى>، <ئۈچ ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تارىخى>، <ئامېرىكا تارىخىدىكى نېگىرلار>، <دۇنيادىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي پروگراممىسى> قاتارلىقلار بار.