Uyghur←Chinese主要词典
فېنىن جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
芬尼社
fēn ní shè
فېنىن ئەسلىدە ئىرلاند رىۋايەتلىرىدىكى مەشھۇر بولغان خەلق تەشكىلاتى. 1858 - يىلى ئىرلاندىيىدە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخىپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات - ئىرلاندىيە ئىنقىلابىي (ياكى جۇمھۇرىيەت) <بۇرادەرلر جەمئىيىتى> قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات ئۆزىنى <فېنىن> دەپ ئاتىغان. بۇ تەشكىلات ئۇششاق بۇرژۇئا رەھبەرلىكىدىكى ئىنتايىن مەخپىي ھەربىيلەشتۈرۈلگەن تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىشچىلار ۋە ياللانما دېھقانلار. دەسلەپ ئېرلاندىيە ۋە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىلگەن. ئۇلار مۇستەقىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئىزچىل ھالدا مەخپىي كۈرەش قىلىشنى ۋاستە قىلىپ كەلگەن. كېيىنرەك مەخپىي ئۆلتۈرۈش تېرورلۇق ھەرىكىتىگە قاراپ راۋاجلانغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىرلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقان.