Uyghur←Chinese主要词典
فلورېنس
دۇنيا تارىخى
弗卢朗斯
fú lú lǎng sī
(1838 - 1871) فرانسىيىلىك ئېتنولوگ ۋە سىياسىي ئوبزورچى. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1863 - يىلى دادىسىنىڭ ئورنىدا فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا ئېتنولوگىيىدىن لېكسىيە سۆزلىگەن. ئىككىنچى يىلى دىنىي ھوقۇقدارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەنگلىيە ۋە بېلگىيىلەردە سەرگەردان بولغان. 1866 - 1868 - يىللىرى كىرىت ئارىلىدىكى گرېتسىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئارال مىللىي پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1868 - يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن، كېيىن كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870 - يىلى 2 - ئايدا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئەنگلىيىگە كېلىپ، لوندوندا ماركىس بىلەن تونۇشقان. 1870 - يىلى تۆتىنچى سنتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باتالىئون كاماندىرى بولغان، 1870 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋە 1871 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلڭىدىن كېيىن، خەلق قوغدىنىش ئارمىيسى 20 - بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ قوماندانى ۋە كوممۇنا ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قوشۇننى باشلاپ، ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن. <ئادەملەرنىڭ تارىخ>، <ئوتېفېرىدى>، <ساتقىنلىق قىلىنغان پارىژ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
弗洛伦斯
fú luò lún sī