Uyghur主要词典
فىگۇرا ياكى ستېلىستىك فىگۇرا
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىلاتىنچە figura ئوبراز، كۆرۈنۈش سۆزىدىن
بەدىئىي سۆزلەرنىڭ ئىپادە قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس سۆز - ئىبارىلەر، ئادەتتىن تاشقىرى نۇتۇق تۈزۈلۈشى.
ئادەتتە ئىنۋىرسىيە، رىتورىك سۇئال، پاراللېلىزم، بىر تۈردىكى باشلانما، خىلمۇخىل كۆرۈنۈش، خاتىمە ۋە باشقىلار ئىستىلىستىك فىگۇرىغا كىرىدۇ، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ستېلىستىك فىگۇرىنىڭ ھەر خىل كۆرۈنۈشلىرى قوللىنىلغان. شۇلارنىڭ بىرى «مۇساۋىيات تەرەپەين» دەپ ئاتالغان شېئىر تۈرىدۇر. بۇنداق شېئىردا مىسرلارنى ئادەتتىكى ئوقۇلۇشىدىن تاشقىرى، يۇقىرىدىن پەسكە قاراپ ئوقۇشمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا ئوقۇلمىسۇن، يەنىلا شۇ شېئىرنىڭ ئۆزى كېلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندە «تارىم» دىن بىر مىسال ئالدۇق.
كىتاب ئىنسانغا ئالتۇندىن ئەلا،
ئىنسانغا بېرۇر بىلىم بىباھا.
ئالتۇندىن بىلىم قىممەت بىباھا،
ئەلا بىباھا دەپتىكەن دانا.
(ئەنۋەر ئىسمائىل)
بۇ شەكىل ئاپتۇردىن پىكىر چوڭقۇرلۇقنى، زېھنىي ئۆتكۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。