Uyghur主要词典
فەرد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەفراد. يالغۇز، يەككە، تەنھا، ئاجرىغان؛ خالىي.
مەنە جەھەتتىن مۇستەقىل يەككە بىر بېيىت:
مەنى دەرد ئەيلەدى ۋەسلىڭ تىلەپ گەرد،
بولۇپمەن ماسىۋابى ئىشقىدىن فەرد.
ئا. نىزارى. ن. زىيائى.
2. فۇرقەتىڭدىن زەئفەران ئۆزرە تۆكەرمەن لالەلەر،
لالەلەر ئېرمەسكى، باغرىمدىن ئېرۇر پەرگالەلەر.
نەۋايى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە. فرد - يەككە، يالغۇز سۆزىدىن
كلاسسىك لىرىكىنىڭ ئەڭ كىچىك ژانىرى، پەقەت بىرلا بېيىتتىن ئىبارەت مۇستەقىل شېئىر شەكلى.
مەسىلەن:
بارمىكىن ھېچنىمە ئالەمدە ھىجراندىن يامان،
ھەرنە كىم ئاندىن يامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.
(بابىر)
بۇنداق شېئىر شەكلى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ بار. مەسىلەن:
نېچۈك ئەھۋالدىدۇر مىللەت، ئۇيغۇر ئەۋلادى ئېچىڭ
كۆزنى،
قىلىپ غەيرەت، قىلىڭ ھىممەت، قويۇڭ، تاشلاڭ قۇرۇق
سۆزىنى.
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يەككە، يالغۇز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
پەقەت بىرلا بېيتتىن ئىبارەت بولغان كىچىك تىپتىكى مۇستەقىل شېئىر.