Uyghur主要词典
فەقىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: فۇقەرا. كەمبەغەل، موھتاج، بىچارە:
پېقىر - كەمتەرلىك يۈزىسىدىن بىرىنچى شەىس كىشلىك ئالمىشى مەن ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:
1. كەل ئەي مىيانچى كەرىم خۇش خەبەر نىشان كەلتۈر،
فەقىرغە مەرد خۇدانى رەۋان قىل ئەي ھافىز.
شەۋقى.
2. ھەر كۈنى مەندىن ۋەفا، ئاندىن جەفا ئۆزرە نېتەي،
مەن فەقىر ئ\ول بىۋەفاغە مۇبتەلا بولدۇن نېتەي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كەمبەغەل، يوقسۇل، قاششاق، چىغاي؛ مۇھتاج، بىچارە؛ تىلەمچى؛ دۇنيا ناز - نېمەتلىرىدىن كەچكەن؛ سۆزلىگەندە، يازغاندا ئۆزىنى كەمسىتىپ، <مەن> ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.(كۆپلۈكى<فۇقەرا>).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «نامرات»، «يوقسۇل» دېگەنلىك بولۇپ، پارىس تىلىدىكى «دەرۋىش» سۆزىگە تەڭ كېلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلگەن : «...ئاللا (سىلەرنىڭ مال مۈلكىڭلاردىن) بىھاجەتتۇر. سىلەر بولساڭلار (ئاللاغا) مۇھتاجسىلەر ...» (47 - سۈرىنىڭ 38 - ئايىتىدىن). كېيىن مەلۇم تەسەۋۋۇپ پىرقىسىنىڭ ئەزاسى ياكى «سوپى» نىڭ قوشۇلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ فەقىرلىقىدا، بەلكى ئاللانىڭ ئالدىدىكى ماددىي جەھەتكە مەنسۇپ بولمىغان ئېھتىياج، مەنىۋى جەھەتتە ئاللانىڭ شەپقىتىگە ۋە ئىلتىپاتىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىش نەزەرگە ئېلىندى. ئەھلى شەرىئەت ۋە نائەھلى شەرىئەتكە ئايرىلدى. ئەھلى شەرىئەتنىڭ ئەزالىرى مۇرىدلار، سەييالەر دەپ ئاتالدى. نائەھلى شەرىئەتنىڭ ئەزالىرى «مەپتۇنلار» دەپ ئاتالدى. ئادەتتە ئۇلار دەرۋىشلىك ۋە تەركىيدۇنيالىق تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلدى ھەمدە سىرلىق دىنىي مۇراسىملارنى ئادا قىلدى.