Chinese→Uyghur主要词典
分枝杆菌
بىئولوگىيە
مىكوباكتېرىيە
ئاكتىنومىتسېسلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تۈز ياكى ئازراق ئەگرى تاياقسىمان باكتېرىيە، كۆپىيىش ۋاقتىدا شاخلىنىدۇ. ھەتتا يىپسىمان تەننى ھاسىل قىلىدۇ، ئاسان ئۈزۈلۈپ تاياقسىمان ياكى شارسىمان تەنگە ئايلىنىدۇ. ھەرىكەت قىلمايدۇ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ، كالپسۇلىمۇ ھاسىل قىلمايدۇ، ھۈجەيرىسى (بولۇپمۇ ھۈجەيرە پوستى) تەركىبىدە زور مىقداردا مايسىمان ماددىلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ باشقا باكتېرىيە بىلەن ئاكتىنومىتسېسلارغا ئوخشىمايدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدھىلىكى. ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىدۇ. چىرىندىخورلۇق ياكى پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. چىرىندىخور ھايات كەچۈرىدىغان تۈرلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەلىپى بىر ئاز تۆۋەن، كۆپىيىشى تېز، ئاسان ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ پارازىتلىنىدىغان تۈرلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەلىپى يۇقىرى، كۆپىيىشى ئاستا بولىدۇ. بۇ نىڭ ئىچىدىكى ماخاۋ مىكو باكتېرىيىسى مەخسۇس پارازىتلىنىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، تا ھازىرغىچە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلمىدى. بەزى مىكرو باكتېرىيىلەر ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ماخاۋ مىكو باكتېرىيىسى ئىنسانلاردىكى ماخاۋ كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى، تۇبېركۇليوزى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كالا مىكو باكتېرىيىسى كالا ۋە باشقا چارۋا ماللاردا تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەمنىمۇ يۇقۇملاندۇرىدۇ؛ قوش مىكو باكتېرىيىسى ئۆي قۇشلىرى ۋە بەزى ئۆي ھايۋانلىرىدا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاياقچە باكتېرىيىلەرنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە بەزى باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارىتا نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان قارشى تۇرۇش كۈچى بولىدۇ. مىكو باكتېرىيىنىڭ ئالاھىدىلىكى نوكاردىيە باكتېرىيىسى قاتارلىق ئاكتىنومىتسېسلارغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، دائىم ئاكتىنومىتسىسلارغا يەككە ئائىلىسى مىكو باكتېرىيە ئائىلىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.