Chinese→Uyghur主要词典
分析与综合
پسىخولوگىيە
ئانالىز ۋە سىنتېز
تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي جەريانى ۋە ئۇسۇلى. بۇ جىسىمنى ئەمەلىي ئانالىز قىلىش (بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش) ۋە سىنتېزلاش (بىرلەشتۈرۈش) ھەرىكىتى ئاساسىدا ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئانالىز قىلىش دېگىنىمىز شەيئىنى پىكرەن (مېڭىدە) ئايرىم خۇسۇسىيەت، قىسىم ۋە تەرەپلەرگە ئاجرىتىشتۇر.
سىنتېز دېگىنىمىز، شەيئىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى، قىسىملىرى ۋە تەرەپلىرى پىكرەن (مېڭىدە) بىرلەشتۈرۈش
تۇر. بۇ ئىككى جەريان بىر - بىرسىنىڭ تەتۈرىسى بولۇپ، يەنە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق. ئانالىز ئىچىدە سىنتېز بولىدۇ، سىنتېز ئىچىدە ئانالىز بولىدۇ. ئانالىز بىلەن سىنتېز تەپەككۇرنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن. لېكىن، پەقەت شەيئىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى كونكرېت ئانالىز قىلىپ، ئاندىن سىنتېزلاپ بىر پۈتۈن زىددىيەتنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن شەيئىنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ شەيئىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئانالىز بىلەن سىنتېز مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى بىلەن ئانالىزاتورنىڭ تاشقى قىسىملىرىنىڭ ئورتاق فۇنكسىيىسى. لېكىن چوڭ مېڭە پوستلىقى سىرتىدىكى بۇ قىسىملار پەقەت ئاددىي ئانالىز - سىنتېزلارنىلا قىلالايدۇ. ئىنچىكە ئانالىز قىلىش ۋە سىنتېزلاش فۇنكسىيىسى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە خاس، چوڭ مېڭە پوستلىقى ئورگانىزمنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن تولىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئورگانىزم ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىرىنى ئايرىم - ئايرىم چىقىرىدۇ ھەمدە خىلمۇ خىل باغلىنىشلار ئارقىلىق ئورگانىزمنى خىلمۇ خىل شەكىللەر بىلەن ئىنكاس قىلدۇرىدۇ. ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشلىرىنىڭ ئۇلىنىشى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئاساسىي سىنتېز پائالىيىتىدۇر. لېكىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئانالىز - سىنتېز فۇنكسىيىسى يېڭى رېفلېكس يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى ياكى ئەسلىدىكى رېفلېكس يوللىرىنىڭ تورمۇزلىنىشىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ يەنە تۈرلۈك ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئەسلىدىكى نۇرغۇنلىغان رېفلېكس يوللىرىنى ۋاقىتلىق بىرلەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىزمنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا تېخىمۇ مۇكەممەل ماسلاشتۇرىدۇ.
تەنتەربىيە
fēn xī yǔ zōng hé
تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش