Chinese→Uyghur主要词典
分泌组织
بىئولوگىيە
ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلما
ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە توقۇلما. ئۇ ھەسەل بېزى، بەزلىك تۈك، ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقى، سمولا نەيچىسى، سۈت قانىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پوستى نېپىز، ئۆزى تىرىك، يۇقىرى دەرىجىدە مەخسۇسلاشقان ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان ھەر خىل كېيىنكى ماددىلار ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتىدا بەلگىىك رول ئوينايدۇ ھەمدە سانائەت ياكى يېزا ئىگىلىكىدە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. بەزى ئاجرالمىغان ھۈجەيرە ئىچىدە زاپاس ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، كاۋچۇك دەرىخىنىڭ سۈت قانىلى، كامفورا ئائىىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماي ھۈجەيرىسى. بەزىلىرى ئاجراتمىلارنى ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىغا چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سترۇس ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغۇچى خالتىسى ۋە قارىغاينىڭ سمولا نەيچىسى. ئۆسۈملۈك تېنىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەردە گەرچە ئۇلار تىپىك ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىغا كىرمىسىمۇ ئالاھىدە ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بولىدۇ. مەسىلەن، چاڭداننىڭ تىۋىتلىك قەۋىتى، تۆرەلمە خالتىسى ئىچىدىكى ياردەمچى ھۈجەيرە قاتارلىقلار ئاجراتقۇچى تىپ ياكى تىپىدىكى ھۈجەيرىگە كىرىدۇ.
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
fēn mì zǔ zhī
ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلما