Chinese→Uyghur主要词典
丰年虫
بىئولوگىيە
خىروتسېفالۇس قۇرتى
قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ خىروتسېفالۇس ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ كىچىك راكقا ئوخشايدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 - 2 سانتىمېتىر، رەڭگى چىرايلىق، ئادەتتە (ئەركىكى) كۆكۈچ يېشىل، (چىشىسى) سەل قوڭۇر بولىدۇ. مۇرەككەپ كۆزى ساپاقلىق، بەدىنىنىڭ بوغۇملىرى كۆپ ھەم ئېنىق. كۆكرەك قىسمىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شەكلى ئوخشاش بولۇپ يوپۇرماقسىمان، گىرۋەكلىرىدە ئۇزۇن قىلچىق تۈكلىرى بولۇپ، ئۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق سۈزۈش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. قورساق قىسمىدا پۇتلىرى بولمايدۇ، ئاخىرقى ئۇچىدا قۇيرۇق ئاچىسى بولىدۇ، چىشىسىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ چېگرىسىدا بىر تۇخۇم خالتىسى بولىدۇ. كۆپىنچە تېيىز سۇلاردا ياشايدۇ، ئۈزگەندە ئوڭدا ئۈزىدۇ، كۆرۈنۈشى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدىكى يىغىلما سۇلاردا دائىم ئۇچرايدۇ. بېلىق يېمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
fēng nián chóng
يانپاش قۇرت