Chinese→Uyghur主要词典
奉还版籍
دۇنيا تارىخى
زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش
ياپونىيە مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى مۇھىم ئىسلاھات. مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋاسساللاردىكى فېئودال تەپرىقە كۈچلەرنى يوقىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتى 1869 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى <زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش> نى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، يەنى ھەرقايسى ۋاسساللارغا ئۆزىگە قاراشلىق يەر ۋە خەلققە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇشنى بويرۇغان. زېمىن ۋە ئاھالە قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ۋاسساللار مەركەز تەيىنلەيدىغان ۋاسسال ھاكىمى بولۇپ، ۋاسسال ھاكىمىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مەركەزگە ئىتائەت قىلغان. ۋاسسال ھاكىمى ئەسلىدىكى خوجىلىق يەر كىرىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ مائاشى قىلىپ بەلگىلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىم - چىقىم بىلەن ۋاسسال ھاكىمىيىىتنڭ مالىيەسى ئايرىۋېتىلگەن. بۇ ۋاسسالنى بىكار قىلىپ ناھىيە تەسىس قىلىشنىڭ تەييارلىق تەدبىرى ئىدى.