Chinese→Uyghur主要词典
丰臣秀吉
دۇنيا تارىخى
تويوتومى ھىدېيوشى
(1536 - 1598) ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن فېئودال يەر ئىگىسى. ئوخارى ناكومۇرا (ھازىرقى ناگويا شەھىرى ناكمۇرا) دا تۇغۇلغان. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دەسلەپكى ئىسمى فوجىيوشى، فمىلىس كىنوشىتا. 8155-يىلى ئودا نوبۇناگانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، بارغانسېرى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن. 1573 - يىلى ئۆزى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان يەر ئىگىسى ئاسائى ناگاماسانىڭ كونا يەر - زېمىنى ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ فامىلىسىنى ھاشىبا، ئىسمىنى ھىدويوشىغا ئۆزگەرتكەن. 1582-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن كيۇسىيۇنىڭ يەر ئىگىسى مورىغا ھۇجۇم قىلىپ تاكاماتسۇ ھىرىنى (ھازىرقى ئوكاياما شەھىرىنىڭ يېنىدىكى) قورشاۋغا ئالغانئ ودا نوبۇناگانىڭ ئاكاچى مىتسۇھىدې تەرىپىدىن قىستاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ مىتسۇھىدېغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ نوبۇناگانىڭ نەۋرىسىنى يۆلەپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان. كېيىنكى يىلى شىباتاكاتسۇھبى نوبۇناگانىڭ ئاكاچى مىتسۇھىدې تەرىپىدىن قىستاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ مىتسۇھىدېغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ نوبۇناگانىڭ نەۋرىسىنى يۆلەپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان. كېيىنكى يىلى شىباتاكاتسۇھبى نوبۇناگانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى نوبۇتاكانى تىكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئاكاچىنى يوقاتقان ھەمدە ئوساكا شەھىرىنى قۇرغان. 1584-يىلى توكوگاۋا ئېيوشى بىلەن ئۇرۇشۇپ، جەڭ ۋەزىيىتىنىڭ پايدىسىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ، سۈلھ قىلغان. 1585-يىلى كوياسا ۋە نېگوروتېرا كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن يەنە شىكوكۇنىڭ يەر ئىگىسى چوسوكايې موتوچىكانى تارمار قىلىپ كامپاكۇ (تېننونىڭ ئەڭ ئالىي ياردەمچىسى) لىققا تەيىنلىنىپ ئوردا ئىشلىرىنى تىزگىنلىۋالغان. كېيىنكى يىلى يەنە قوشۇمچە داجوكان ۋەزىلىركىگە تەيىنلىنىپ فامىلىسىنى تويوتومى دەپ قوللىنىشقا باشلىغان، كېيىن تەدېىجىي ھالا كىيۇسيۇنى تىنچىتقا، 1590-يىلى كانتوندىكى ھوتو ھاكىمىىتىنى يوقىتىپ، ياپونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. كېيىنكى يىلى شىمالىي قىسىمدىكى ھەر قايسى يەر ئىگىلىرىنى تىنچىتىپ ھەمدە كامپاكۇلىكنى ئاسراندى ئوغلى شۇجىغا ئۆتۈنۈپ بېىرپ، ئۆزىنى <تەخې> ەدپ جاكارلىغان. 1592-ىلى ۋە 1596-يىلى ئىككى قېتىم چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1593-يىلى ئاينولار زېمىنىدىكى (ھازىرقى خوككايدو ئارىلىدىكى) ماتسوماينى ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈۋالغان. مومويامادا فوشىمى شەھىرىنى (ھازىرقى كىيوتو شەھىرى ئىچىدە)قۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە يەر تەكشۈرۈش ۋە قىلىچ قانۇنىنى يولغاق ويۇپ، فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن ەھمدە ئىمتىيازلىق سودا - سانائەت تەشكىلاتلىرى ۋە چېگرا باجخانىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەن ئۆزىگە يېقىن ھەربىي باشلىقلار ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۆز ئورنىنى كىچىك ئوغلى ھىدېسېگە قالدۇرۇش نىيىتىدە 1595-يىلى ئاسراندى ئوغلى شۇجىنى ئۆلۈۋېلىشقا زورلىغان. مەملىكەت ئىچىدە قوشۇۋېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتتە ئېدو دەۋرىدە جاھالەتلىك تۈزۈلمە تىكلەش ئۈچۈن يول تەييارلىغان. سىرتقا قارىتا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان.