Chinese→Uyghur主要词典
分必
بىئولوگىيە
ئاجرىتىش
بەدەندىكى بەزى ئورگان ياكى توقۇلمىلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بىر قىسىم ماددىلارنى ياكى تەركىبىدە ئالاھىدە بىرىكمىلەر بولغان سۇيۇقلۇقلارنى سىنتېزلاش ۋە قويۇپ بېرىش جەريانى. بۇنداق ئاجرىتىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە ئورگانلار بەز دەپ ئاتىلىدۇ. بەزلەرنى ئىككى چوڭ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ، بىر خىل بەزلەرنىڭ ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنىڭ تىزىلىشى نىسبەتەن رەتلىك، نەيچىسىمان ياكى بەز پۈۋەكچىسىمان بولۇپ، ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاجراتقان ماددىلىرى ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر ئارقىلىق نەيچە بوشلۇقىغا كىرىدۇ ياكى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بۇنداق بەزلەر سىرتقى ئاجرىتىش بەزلىرى ياكى نەيچىلىك بەزلەر، ئۇلارنىڭ ئاجرىتىش جەريانى سىرتقى ئاجرىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شۆلگەي بېزىنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىش، تەر بېزىنىڭ تەر ئاجرىتىشى قاتارلىقلار. يەنە بىرخىل بەزلەرنىڭ ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىلىرى زىچ يىغىلىپ كاللەكلەشكەن، نەيچىسى يوق بولۇپ، ئاجراتقان ماددىلىرى (گورمون دېيىلىدۇ) قان سۇيۇقلۇقىغا بىۋاسىتە كىرىپ، رول كۆرسىتىش ئورنىغا قان ئارقىلىق توشۇپ بېرىلىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن ئورگان ياكى توقۇلمىلاردا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى بەزلەر ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى ياكى نەيچىسىز بەزلەر دېيىلىدۇ. مەسىلەن قالقان بەزنىڭ تىروكسىن ئاجرىتىشى، تېستىس (ئۇرۇقدان) نىڭ ئەرلىك گورمونى (ئاندىروگېن) ئاجرىتىشى قاتارلىقلار.