Chinese→Uyghur主要词典
非斯条约
دۇنيا تارىخى
فېس شەرتنامىسى
ماراكەشنى فرانسىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغان شەرتنامە. 1912 - يىل 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى فېس شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە ماراكەش زېمىنىنى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىشغال قىلىدۇ؛ تانژېر شەھىرى ماراكەشنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولمىغان ئالاھىدە شەھەر قىلىنىدۇ؛ ماراكەشنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنى فرانسىيە باش نازارەتچىسى باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىدە 1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى <فرانسىيە - ماراكەش بىرلەشمە باياناتى>دا بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان.