Chinese→Uyghur主要词典
飞箭不动
دۇنيا تارىخى
ئوچۇۋاتقان ئوقيا ھەرىكەتلەنمەيدۇ
قەدىمكى يۇناندىكى ئېرىيىچى پەيلاسوپ زېنون ئوتتۇرىغا قويغان بىر قائىدە. ئۇ پارمېندېسنىڭ <مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى> نى ئىسپاتلاپ، ھەرقانداق ھەرىكەت بولۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ مەزمونى ئومۇمەن مۇنداق: ئۇچاۋاتقان ئوقيا جىمجىت ھالەتتە تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر نەرسە ئۆزى بىلەن باراۋەر بوشلۇقنى ئىگىلىگەندە جىمجىت ھالەتتە تۇرىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇچۇۋاتقان نەرسىلەر ھەش - پەش دېگۈچە ھامان ئۆزى بىلەن تەڭ كېلىدىغان بوشلۇقنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇمۇ چوقۇم جىمجىت ھالەتتە تۇرغان بولىدۇ. دېمەك، ئېتىلغان ئوقيا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا (بۇ ۋاقىتنىڭ قانچىلىك قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) چوقۇم بوشلۇقتىكى مەلۇم بىر نۇقتىدا تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ جىمجىت ھالەتتە تۇرماي قالمايدۇ. سان - ساناقسىز جىمجىت ھالەتنىڭ يىغىندىسى يەنىلا ھەرىكەتلەنمىگەنگە باراۋەر بولىدۇ. زېنون سەزگۈ ئەزاسىنىڭ تەجرىبىسىدىكى ئوقيانىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. ئۇ ئاساسەن ئەقىل (لوگىكا) تەرىپىدىن ئىگىلەنمىگەن ھادىسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكچى بولغان. زېنون ھەرىكەتنىڭ ئەسلىدە بولغان ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن ئۈزۈلمىلىكىنىڭ بىرلىكىنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنى يەككە - يېگانە قالدۇرۇش ھەمدە ئۈزۈلمىلىكنى مۇتلەقلەشتۈرۈش يولى بىلەن ھەرىكەتنى ئىنكار قىلغان. بۇ، ئەلۋەتتە مېتا - فىزىكىلىق ئۇسۇل بولىدۇ. ئەمما ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇ، ھەرىكەتتىكى زىددىيەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى يەنى ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلىي گەۋدىنىڭ (جۈملىدىن ئۇچۇۋاتقان ئوقيانىڭ) مەلۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاۋا بوشلۇقىدىكى مەلۇم بىر بوشلۇق نۇقتىسىدا ھەم مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ھەم مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى، ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى ئۈزۈلۈكسىزلىك بىلەن ئۈزۈلمىلىكنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى؛ ئۈزۈلمىلىكنىڭ نىسىپىي بولىدىغانلىقىنى، ئۈزلۈكسىزلىكنىڭ مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن.