Chinese→Uyghur主要词典
废藩置县
دۇنيا تارىخى
ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ناھىيە تەسىس قىلىش
ياپونىيە ئاكاچۇنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان زېمىنىنى قايتۇرغاندىن كېيىن ۋاسسال بەگلىرى يەنىلا چوڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. فېئودال تەپرىقىچىلىق ھالەتنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ، ھوقۇق مەركەزگە توپلاشقان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 1871 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئاكاچۇ ھۆكۈمىتى پايتەختتىكى ۋاسسال بەگلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق يېزىلغان: كونا ۋاسسال خوجىلىرىنىڭ ۋاسسال بېگىلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش، ئاندىن ئۇلرنىڭ ھەممىسىنى توكيوغا كۆچۈرۈپ دۆلەتتىن مائاش ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەمۇرىي رايونلارنى بىر ئۆلكە (خوككايدۇ)، ئۈچ مەھكىمە (توكيو مەھكىمىسى، كىيۇتو مەھكىمىسى ۋە ئوساكا مەھكىمىسى)، 302 ناھىيە (كېيىن 72 ناھىيە، يەنىمۇ ئىخچاملىنىپ 43 ناھىيە قىلىنغان) گە بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلكە باش ئەمەلدارى، مەھكىمە ئامبىلى ۋە ناھىيە ئامبىلى تەيىنلەنگەن. بۇيرۇق بويىچە ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇرۇپ ۋە ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىش ئارقىلىق ياپونىيە ئىسمى جىسمىغا لايىق ھوقۇق مەركەزگە توپلانغان ھەم بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە ئايلانغان.
تارىخ
fèi fān zhì xiàn
ۋاسساللىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىش