Uyghur←Chinese主要词典
فېبۋرې
دۇنيا تارىخى
费弗尔
fèi fú ěr
(1878 - 1956) فرانسىيىلىك تارىخشۇناسلارنىڭ ژۇرنىلى <يىللىق مەجمۇئەچىلىرى>نى ئاساسچىسى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دىژون داشۆسى ۋە ستراسبۇرگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1929 - يىلى بلوك بىلەن بىرلىشىپ <ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت يىللىق مەجمۇئەسى>نى تەسىس قىلىپ، كەڭ تەسىر قوزغىغان. 1933 - يىلدىن تارتىپ فرانسىيە شۆيۈەنىدە پروفېسسور بولغان. 1948 - يىلدىن تارتىپ ئالىي تەجرىبە تەتقىقات يۇرتىنىڭ 6 - ئىنىستىتۇتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1949 - يىلى <يىللىق مەجمۇئە: ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت> نى داۋاملىق چىقارغان. <فرانسىيە قامۇسى>نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن قول سېلىپ تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيىنى تەتقىق قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ <زېمىن ۋە ئىنانىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى>، <تارىخ ئۈچۈن كۈرەش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.