Chinese→Uyghur主要词典
发音器官
بىئولوگىيە
ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى
ھايۋان تېنىدىكى ئاۋاز دولقۇنى چىقىرالايدىغان تۈزۈلۈش. ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىن ئاۋاز چىقىرالايدىغىنى ئاساسەن ھاشاراتلاردۇر. ھاشاراتلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش مېخانىزمى تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلىدۇ؛ پەردىنىڭ تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقىرىشى، مەسىلەن، تومۇزغىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل پەردە كلاپانى بولۇپ، مۇسكۇلىنىڭ ئۇزىراپ - قىسقىرىشىنىڭ قوزغىتىشى بىلەن پەردە كلاپانى تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ قاناتنىڭ تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقىرىشى، مەسىلەن، چىۋىن، ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلارنىڭ مەخسۇس ئاۋاز چىقىرىش ئاپپاراتى بولماستىن پەقەت ئۇچقان چاغدا قاناتلىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تەۋرىنىشى نەتىجىسىدە ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ چاستوتىسى قانىتىنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسىغا مۇناسىۋەتلىك؛ سۈركىلىشتىن ئاۋاز چىقىرىش، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز ئائىلىسىدىكىلەر كۆپىنچە كۆكرەك قىسمىدىكى ئالدىنقى دۈمبە پلاستىنكىسى بىلەن ئوتتۇرا دۈمبە پلاستىنكىسىنى سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، چېكەتكە بولسا، ئارقا پۇت يانپاش بوغۇمىدىكى بىر قاتار چىشلىرى بىلەن ئالدىنقى قانىتىنىڭ قانات تومۇرلىرىنى سۈركەيدۇ، قارا چېكەتكە ۋە چاقچىقىز (يېشىل چېكەتكە يەنى چىرىلداق چېكەتكە) قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ، يەنە تېنىنىڭ مەلۇم قىسمى سىرتقى جىسىملارغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. باشقا ئاز ساندىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار سۇدا ھەرىكەتلەنگەندىمۇ ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاۋاز چىقىرالايدىغانلىرىنىڭ كۆپىنچە ئاۋاز پەردىسى ياكى سايراش ئاپپاراتى (سايراش نەيچىسى) بولۇپ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاۋاز پەردىسىنى ياكى باشقا پەردىسىمان جىسىملارنى تەۋرىتىشى ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش تۈزۈلۈشى ئاساسىق گال (بوغۇز) ۋە ئاۋاز پەردىسى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە بۇرۇن بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋاز پەردىسى تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقارغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى قىسىملاردىن - كالپۇك، تىل، يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىللارنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ھەرخىل ئوخشىمىغان ئاھاڭلار شەكىللىنىدۇ.
تېببىي
fā yīn qì guān
ئاۋاز چىقىرىش ئورگانلىرى، ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىDئۇنىۋېرسال
fā yīn qì guān
تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرى