Uyghur主要词典
فاشىست
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىمدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىر تۈرلۈك ھوقۇق بەلگىسى. تاسما كەمەر بىلەن چىڭ باغلانغان بىر باغلام كالتەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىسى سىرتقا قارىتىلغان ئۆتكۈر پالتا قىستۇرۇلغان. بۇ <فاشىست> دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ تۈزۈم رىمنىڭ شىمالىدىكى قوشنىسى ئېترورىيىلىكلەردىن كىرگەن بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردا مونارخيىنىڭ بەلگىسى بولغان. كېيىنكى چاغدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سىرتقا چىققاندا ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى لىكتورلىرى يۈدۈپ (ھەربىرى بىر باغلامدىن) ماڭغان، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. كېيىن ئىتالىيىدىكى فاشىست دېگەن نام شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
فاشستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى؛ فاشىزمنى ھىمايە قىلغۇچى، فاشىزم تەرەپدارى؛ ھاكىمۇتلەقلىق ياكى فاشىزمغا خاس ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.
گېرمانىيە فاشىستلىرى. فاشىستلارنى يوقاتماق.