Uyghur主要词典
فارراپوس ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1835- 1845 -يىللىرى بىرازىلىيىنڭ جەنوبىدا ئېلىپ بېرىلغان جۇمھورىيەت قۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇش. پورتۇگالىيە تىلىدا <فارراپوس> - <يوقسۇللار>دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1835 - يىلى 9 - ئايدا رىئوگلاندېدا مەركىزى ھۈكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىلىغان. 1836 - يىلى 11 ئايدا رىئوگلاندې جۇمھورىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارئىچىدە يەرلىك ئەمگەكچىلەر، ئارگېنتىنا ۋە ئۇراگۋاينىڭ پىدائىلىرى، شۇنىڭدەك گاربالدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى بار ئىدى. ئۇراگۋاي يەنە ماددى ياردەم قىلغان. بىرازىلىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى كەينى - كەينىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ قورشاپ باستۇرغان. 1845 - يىلى 2 - ئايدا قارراپوس رەھبەرلىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن <سۈلھ كېلىشىمى> تۈزۈپ ئون يىلدىن بېرى مەۋجوت بولۇپ كېلىۋاتقان رىئوگلاندې جۇمھورىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فارراپوس ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلگەن.