Chinese→Uyghur主要词典
泛斯拉夫主义
دۇنيا تارىخى
پان سلاۋىيانچىلىق
چارروسىيە تەرغىپ قىلغان بىر خىل ئىرقچىلىق نەزەرىيىسى. ۋىلكىرۇس شوۋىنىزمنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شەكىللەنگەن. پوگودىن (1800 - 1875) قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدىكى كىشىلەر سلاۋىيان مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ، رۇسلارنى مەركەز قىلغان ھالدا، سلاۋىيان مىللەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىئىنەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. نىكولاي Ⅰ دىن تارتىپ ئۆتكەن چار پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەرەپ - تەرەپكە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلبا دەرياسىدىن تارتىپ جۇڭگوغىچە، ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن تارتىپ شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە بولغان رۇسلار ھۆكۈمرانلىقىدكى <سلاۋىيان ئىمپېرىيىسى> نى تىكلەش خام خىيالىدا بولۇپ كەلگەن. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: <پان سلاۋىيانچىلىق - مەۋجۇت بولمىغان سلاۋىيان مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ نىقاب ئاستىدا دۇنياۋى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشتىكى ئالدامچىلىق پىلانى، ئۇ، بىزنىڭ ۋە روسىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى> (ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى<، 35-توم. خەنزۇچە 1971-يىل نەشرى، 263-بەت)
ئۇنىۋېرسال
fàn sī lā fū zhǔ yì
يان سلاۋىزم