Chinese→Uyghur主要词典
反圈地条例
دۇنيا تارىخى
يەرلەرنى قورشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش نىزامى
ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يەرلەرنى چىتلىۋېلىشنى چەكلەيدىغان پەرمان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، يەرلەرنى چىتلىۋېلىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكتىن كۆپلىگەن دېھقانلار ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ھەيدەپ چىقىرىلىپ سەرگەردان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەنسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ئەسكەرلىككە ئېلىنغۇچىلار (ئەسكەرلەر ۋە ماتروسلار دېھقانلاردىن ئېلىناتتى) ئازىيىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1489، 1515، 1533، 1563، 1597 - ۋە 1609 - يىللىرى مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، يەرلەرنى چىتلىۋېلىشقا چەك قويۇپ، 20 ئاكر يېرى بار دېھقانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يايلاقلارنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چارۋىدارلارنىڭ ئىلكىدىكى قوينىڭ 2000 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلىگەن. نىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن 1517، 1548 - ۋە 1607 - يىللىرى يەنە مەخسۇس نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان.