Chinese→Uyghur主要词典
防止核扩散条约
دۇنيا تارىخى
يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش شەرتنامىسى
يەنى <يادرو قوراللىرىنى تارقاتماسلىق شەرتنامىسى>. بۇنىڭ لايىھىسىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا تۈزۈپ چىققان، 1968 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ب د ت يىغىنى ماقۇللىغان. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، بىر ۋاقىتتا لوندون، موسكۋا، ۋاشىنگتوندا ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى مۇنۇلار: يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا يادرو قوراللىرىنى يادروسىز دۆلەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك ھەمدە يادروسىز دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ يادروسىز دۆلەتلەر يادرو قوراللىرى ئىشلەپ چىقارماسلىققا، باشقا دۆلەتلەر ئۆتۈنۈپ بەرگەن يادرو قوراللىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قوبۇل قىلماسلىققا، يادرو قوراللىرى ئىشلەپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق ياكى ياردەمنى قوبۇل قىلماسلىققا ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى بۇ خىل ياردەم بىلەن تەمىنلىمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى يادرو قوراللىرى زاپىسى تىلغا ئېلىنمىغان، ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشى ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىشىغا چەك قويمىغان. بۇنىڭدىن مەقسەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مونوپول ئورنىنى مۇستەھكەملەش، يادرو قورالسىز دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامە 1970 - يىلى 3 - ئايدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولغان. 1980 - يىلى 4 - ئايغىچە 115 دۆلەت ئىمزا قويغان.
ئۇنىۋېرسال
fáng zhǐ hé kuò sàn tiáo yuē
يادور قوراللىرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى