Chinese→Uyghur主要词典
方济各会
ئۇنىۋېرسال
fāng jì gè huì
فرانسىسكان
دۇنيا تارىخى
فرانسېسكو مەزھىپى
كىچىك قېرىنداشلار مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك دىنىنىڭ قەلەندەر موناخلار مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق مەزھەپلىرىدىن بىرى. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىلىك فرانسېسكو قۇرغان. 1210 - يىلى پاپا ئىننوكىنتوس Ⅲ نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرىتلىرى ئىجتىمائىي سىياسىي پائالىيەتلەرگە پائال قاتناشقان ھەمدە ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشتەك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. دەسلەپتە بۇ مەزھەپتىكىلەر پاك نامراتلىقنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەزھەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر كۆپلىگەن مال - دۇنياغا ئىگە بولۇۋالغان. ⅢⅩ ئەسرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلرىدا بۇ مەزھەپ جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، چۇەنجۇ قاتارلىق جايلىرىغا مۇرىتلىرىنى ئەۋەتكەن. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدايەنە يەنە جۇڭگوغا مۇرىت ئەۋەتكەن. فرانسېسكو مەزھىپى تا ھازىرغىچە غەربىي ياۋرۇپا،لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يەنىلا ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەكتە.