Chinese→Uyghur主要词典
方尖碑
دۇنيا تارىخى
چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار
ئىنگلىزچە Obelisk، ئەسلى گرېكچە Obeliskos دېگەندىن كەلگەن. ئۇچى ئۇچلۇق چاسا تۈۋرۈك شەكىلدىكى تاش مۇنار. خاتىرە تاشنىڭ بىر خىل شەكلى. قەدىمكى مىسىردا كەڭ تارقالغان، قۇياش ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، يورۇقلۇق ۋە ھاياتلىقنىڭ ۋەكىلى. ئادەتتە غايەت زور تاشتىن ياسالغان، ماتېرىيالغا بۈگۈنكى ئاسۋاندىكى قىزىل رەڭلىك گرانت تاش ئىشلىتىلگەن. كۆپىنچە ئىبادەتخانا ۋ ئوردىلارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنىڭ ئىككى تەرتىپىگە جۈپ قىلىپ ئورۇنىتىلغان. مۇنارغا تەۋرىي خەتلەر ياكى رەسىملەر ئويۇلغان. تۆتىنچى سۇلالە دەۋرىدە ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنۇش مەركىزى بولغان ئون شەھىرىدە بىر قانچە يەردە بولۇپ، ھازىر پەقەت ئون ئىككىنچى سۇلالىنىڭ قىرئەۋىنى سېسوسترىس تەختتىكى چاغدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 1971 - 1921) ياسالغىنىدىن بىرى ساقلىنپ قالغان. كارناك ئاممون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى بىر جۈپنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون سەككىزىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى تۇتموس Ⅰ ۋە ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇت ياساتقان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ بىرى ئەسلىدە تۇتمۇس Ⅲ كارناك ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا ياساتقىنى بولۇپ، ھازىر رىمدىكى لااتېران ئوردىسىنىڭ مۇقەددەس جون مەيدانىدا. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 32 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 230 توننا كېلىدۇ. مەشھۇر بىر جۈپ <كلېئوپاترا چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار> بولسا ئەسلى تۇتمۇس Ⅲ قۇياش شەھىرىگە ئاتاپ ياساتقان بولۇپ، مىلادىدىن 14 يىل ئىلگىرى رىم پادىشاھى ئاۋگوست بولۇپ، مىلادىدىن 14 يىل ئىلگىرى ىرم پادىشاھى ئاۋگوست تەرپىدىن ئالېكساندرىيىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ھازىر ئايرىم - ئايرىم لوندوندىكى تېمزا دەرياسى قېشىدا ۋە نيۇيورك مەركىزى باغچىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئالدىنقىسىنىڭ ئېگىزلىكى 20.9 مېتىر، كېيىنكىسىنىڭ ئېگىزلىكى 21.2 مېتىر بولۇپ، مۇنارىغا تۇتمۇس Ⅲ ھەمدە رامسېس Ⅱ نىڭ تەسۋىرى خەتلىرى ئويۇلغان.