领域: دۇنيا تارىخىفرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدە، ئەنگلىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق فېئودال دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيىگە قوراللىق ئارىلىشىشتىكى ئەكسىيەتچى ئىتتىپاق. ئىتتىپاق جەمئىي يەتتە قېتىم قۇرۇلغان. (1) 1793 - يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋستىرىيە، پرۇسسىە، ئىسپانىيە، ساردىنىيە، نېئاپول ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكىپ تاپقان بولۇپ، فرانسىيە زېمىنىغا تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان. شۇنداقلا فرانسىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى قوللىغان. 1794 - يىلى 6 - ئايدىكى فلېريوس جېڭىدە فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تارمار قىلىنغان. 1797 - يىلى 10 - ئايدا <كلپوفورمو سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە ئەنگلىيەنىڭ <ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان، ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) 1798 - يىلى 12 - ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋستىرىيە، نېئاپول، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 1794 - يىلى 6 - ئايدا، ناپولېئون ئىتالىيىنىڭ مارېنگو جېڭىدە ئاۋسترىيەنىڭ ئاساسىي قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيەنى <لۇنېۋىللا سۈلھ شەرتنامىسى"نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيەنى >ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. كېيىن ئىتتىپاق تارقىلىپ كەتكەن. (3) 1805 - يىلى يازدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، نېئاپول قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئىسپانىيە، باۋارىيە، ۋېتېمبېرگ قاتارلىقلار فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ناپولېئون ئوستېرلىس جېڭىدە روسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبيەتكە ئۇچرىتىپ، >پرسبورگ سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالىغان (12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)، ئىتتىپاق مەغلۇپ بولغان. (4) 1806 - يىلى 9 - ئايدا، ئەنگلىيە، پروسىيە، روسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 10 - ئاينىڭ 41 - كۈنى ناپولېئون يېنا جېڭى ۋە ئاۋئەرشتىد جېڭىدە پروسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بېرلىنغا بېسىپ كىرگەن؛ 1807 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېيلەۋ ۋە فرىدلاند جېڭىدە روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، روسىيە بىلەن پروسسىيىنى >تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى<نى (1807 - يىل 7 - ئاينىڭ 7، 9 - كۈنى) ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. ئىتتىپاق يەنە بىرقېتىم مەغلۇپ بولغان. (5) 1809 - يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. 7 - ئايدا ناپولېئون ۋاگرام جېڭىدە ئاۋسترىيە ئارمىيسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى >ۋېنا سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ناپولېئون پۈتۈن غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. (6) 1813 - يىلى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا لېيپسېگ جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى پارىژغا بېسىپ كىرگەن. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ناپولېئون تەختتىن چۈشكەن ۋە ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى قايتا تىكلەنگەن. (7) 1815 - يىلى 3 - ئايدا، ناپولېئون پارىژغا قايتىپ كېلىپ، تەختكە چىققان. ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قايتىدىن فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىم ئىتتىپاق تۈزگەن. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاتېرلوئو جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، مۇقەددەس ھىلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى ئىككىنچى قېتىم قايتا تىكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن 22 يىلدىن ئوشۇقراق داۋاملاشقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان.