Chinese→Uyghur主要词典
梵蒂冈囚徒
دىن
fàn dì gāng qiú tú
基
خىرىستيان دىنى
ۋاتىكان مەھبۇسى
دۇنيا تارىخى
ۋاتىكان مەھبۇسى
1870 - يىلى پاپا پىئۇس Ⅸ ۋاتىكانغا چېكىنىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى شۇنداق دەپ ئاتىۋالغان. 1870 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىتالىيە قوشۇنى رىمنى ئازاد قىلغان. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق پاپا دۆلىتى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان، پىئۇس Ⅸ ۋاتىكانغا چېكىنىپ كىرگەن. ياندۇرقى يىلى 5 - ئايدا، ئىتالىيە پارلامېنتى <پاپا كاپالەتلىك قانۇنى> نى ماقۇللاپ، پاپانىڭ دەھرىي ئىمتىيازى مەھرۇم قىلىنغان. پىئۇس Ⅸ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ۋاتىكاندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ئۆزىنى <ۋاتىكان مەھبۇسى> دەپ ئاتىغان. پىئۇس Ⅸ دىن كېيىنكى پاپالارمۇ ئوخشاشلا بۇ ئېتىرازدا 50 نەچچە يىل تۇرغان. 1929 - يىلى 2 - ئايدا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپا ۋەكىلى بىلەن <لاتېران شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئىتالىيە پاپانىڭ ۋاتىكاندىكى مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ئۇنىڭ رىم شەھىرىدىكى بەزى ئاپپاراتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىش ھەل قىلىنغان.