Chinese→Uyghur主要词典
梵蒂冈高级教务会议
دۇنيا تارىخى
ۋاتىكان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار يىغىنى
كاتولىك چېركاۋى ۋاتىكاندا چاقىرغان دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئالىي دىنىي ئىشلار يىغىنى. جەمئىي ئىككى نۆۋەت چاقىرىلغان. بىرىنچى نۆۋەتلىك 1869 - يىلى 12 - ئايدىن 1870 - يىلى 10 - ئايغىچە رىم پاپاسى پىئۇس Ⅸ تەرىپىدىن چاقىرىلغان. بۇ 20 - قېتىملىق كاتولىك دىنى ۋەكىللەر يىغىنى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، ئىتالىيىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى تېز تەرەققىي قىلغان، پاپا پىئۇس Ⅸ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە پاپانىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە چېركاۋنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1868 - يىلى 6 - ئايدا دىنىي ھاكىمىيەت مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇقەددەس يارلىق جاكارلانغان. 1869 - يىلى 12 - ئايدا كاتولىك دىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ يىغىلىشى چاقىرىلىپ، ترېنتو دىنىي يىغىنىنىڭ پۈتۈن قارارى توغرا دەپ قايتا تەكىتلەنگەن، ماتېرىيالىزم، ئەقلىيچىلىك، ناتۇرالىزم، خۇداسىزلىق ئەيىبلەنگەن، كاتولىك دىنى بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ تەرغىپ قىلىنغان. 1870 - يىلى 7 - ئايدا <پاپنىڭ خاتاسىزلىقى> ئەقىدىسى ماقۇللىنىپ، پاپا ھوقۇقىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرۇشى شەرتلىكى بەلگىلەنگەن. 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىتالىيە قوشۇنى رىمغا كىرىش بىلەن، پاپانىڭ دەھرىي ھاكىمىيىتى بىكار قىلىنىغان، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يىغىن نائىلاج ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 1962 - يىلى پاپا جون ⅩⅩⅢ تەرىپىدىن چاقىرىلغان. ياندۇرقى يىلى 6 - ئايدا پاپا ئۆلۈپ كېتىپ، يېڭى پاپا پائۇل Ⅵ يىغىننى داۋاملاشتۇرغان. 1965 - يىلى ئاياغلاشقان. كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتى ۋە خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ <بىرلىشىشى> ئاساسىي تېما قىلىنغان، <رەسىم - قائىدىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش>، <چېركاۋلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش> قاتارلىق 16 ھۆججەت ماقۇللانغان، <خرىستىئان دىنى بىرلىشىش كاتىبات باشقارمىسى>، <غەيرىي خرىستىئانلار بىلەن ئالاقىلىشىش كاتىبات باشقارمىسى>، <دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىش كاتىبات باشقارمىسى> قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. شۇنداقلا گېزىت - ژۇرنال، كىنو، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق جامائەت پىكرى خىزمىتى كۈچەيتىلگەن. بۇ ئىككى نۆۋەتلىك يىغىن كاتولىك دىنىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.